Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاپائىن
بىئولوگىيە
پىشمىغان كۇلى بېھى مېۋىسىدە بولىدىغان، 185 دانە ئامىنو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن بىر تال پېپتىد زەنجىرى بولۇپ، مولېكۇلا ئېغىرلىقى 000،21 دالتون كېلىدۇ. پاپائىننىڭ PH - ئاكتىپلىق ئەگرى سىزىقى ساخارازىنىڭكىگە بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، مۇھىت PH نىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ئاساسىي ماددىسىنىڭ زەرەتلىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، لېكىن بۇ خىل ئۆزگىرىش ئۇنىڭ كاتالىزاتورلۇق قىلىش رولىغا ئانچە تەسىر قىلمايدۇ، يەنى ئېنزىمنىڭ ئاكتىپلىقى 10 - 2.4 PH دائىرە ئارىلىقىدا ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ. پاپائىن ئىممۇنىتېت گلوبۇلىننى ئانالىز قىلىشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ.