Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاپا ئاۋىگنون
دۇنيا تارىخى
1309 - 1377 - يىللىرى ئاۋىگنون (فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان) شەھىرىى تۇرۇشلۇق جاي قىلغان يەتتە قېتىملىق پاپا. 1303-يىلى رىم پاپاسى بونىفاس Ⅷ فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ بىلەن ھوقۇق تالىشىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. 1305-يىلى، فرانسىيىدىكى بوردونىڭ ئارخېئېىسكوپى پېرترانددىي گوت (1264 - 1314) فىلىپ Ⅴ دەپ ئاتالغان. 1309-يىلى كلېمېن Ⅴ پاپا تۇرۇشلۇق جاينى رىمدىن ئاۋىگنون (شۇ چاغدا بۇ شەھەر ئانجۇ خاندانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى نىئاپول كورۇللۇقىغا قاراشلىق ئىدى) غا كۆچۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئالتە قېتىم تەيىنلەنگەن پاپا ئاۋىگنوندا تۇرۇپ، فرانسىيە كورۇلىنىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. 1377-يىلى پاپا گرېگورى 11 (1329 - 1378) فرانسىيە كورۇل ھاكىمىيىتىنىڭ يۈز يىللىق ئۇرۇشتا بىر مەھەل ئاجىزلاشقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ رىمغا كۆچكەن. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئىككى، ھەتتا ئۈچ پاپا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. <كاتولىك دىنىنىڭ چوڭ بۆلۈنۈشى> گە قاراڭ