Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالاق پۇتلۇقلار ئەترىتى
بىئولوگىيە
سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپىدىكى سۇدا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچىلەردىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تېنى ئۇرچۇق شەكلىدە، بەدەن سىرتى قويۇق قىسقا تۈكلەر بىلەن قاپلانغان، تېرە ئاستى ماي قەۋىتى قېلىن، بېشى يۇمىلاق، بوينى قىسقا، تۆت پۇتى پالاقسىمان بولۇپ، ئۈزۈشكە ماسلاشقان بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. ئالدى پالاقسىمان پۇتى چوڭ ھەم تۈكسىز، كەينى پۇتى تېنىنىڭ ئارقىسىغا بۇرالغان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا يەر باغىرلاپ مېڭىشقا ئۇيغۇنلاشقان. قۇيرۇقى قىسقا ياكى پەقەت بىر قالدۇق ئىزدىنلا ئىبارەت. قۇلاق سۇپرىسى يوق، بۇرۇن ۋە قۇلاق تۆشۈكلىرىدە ھەرىكەتچان كلاپان پەردىسى بولۇپ، سۇدا ئۈزگەندە ئېتىلەلەيدۇ. چىشلىرىدا يىرتقۇچ چىشى يوق، دىففېرېنسىيىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس. گۆشخور، ئاساسەن بېلىق ۋە موليۇسكىلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. پالاق پۇتلۇقلار ئەترىتىدىكىلەر پەقەت چېتىشىش (ئاز ساندىكىلىرى سۇدا چېتىشىدۇ)، تۇغۇش، ئېمىتىش، تۈلەش (يۇڭ تاشلاش)، دەم ئېلىش ۋاقتىدىلا قىرغاققا چىقىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ كۆپىيىش شەكلى بىر ئەركەك كۆپ چىشى بىللە بولۇپ، ئادەتتە ھەر نۆۋەتتە بىردىن تۇغىدۇ. بۇ ئەترەتتە دېڭىز شىرى ئائىلىسى، دېڭىز پىلى ئائىلىسى ۋە تيۇلېنلار ئائىلىسى بولۇپ، ئوخشىمىغان تۈر ئۇرۇقداشلىرىنىڭ ھەرخىل ئارىلىقتىكى ئۈزۈپ - كۆچۈش ئورۇنلىرى بولىدۇ. تيۇلېنلار ئاساسەن شىمالىي مۇز ئوكيان، تېنچ ئوكيان، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ھەم جەنۇبىي مۇز ئوكيان، ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. دېڭىز پىللىرى شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى ئەتراپىغا، دېڭىز شىرلىرى شىمالىي تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبىي مۇز ئوكيانغا تارقالغان. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتى زور، مايلىرى ۋە تېرە - گۆشلىرىنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ؛ بەزى تۈرلىرىنىڭ يۇك ۋە تېرىلىرى قىممەتلىك (مەسىلەن ئافرىقا يۇڭلۇق دېڭىز شىرى)؛ دېڭىز پىلىنىڭ چىشى پىل چىشى ئويمىچىلىقىغا ئىشلىتىلىدۇ.