Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالاقⅠ
پالاقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]ئەرەبچە[[يەشمىسى:] ① دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەپلەيدىغان ياكى سوراقخانىلاردا گۇناھكارنى ئۇرىدىغان جازا قورالى؛ يېسسى تاياق:[مىسال:] پالاق بىلەن ئۇرماق.[يەشمىسى:] ② كېمە، قېيىق، قولۋاقلارنى سۇدا ھەيدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، سۇغا كىرىپ تۇرىدىغان، ئۇچى يېسسى قىلىپ ياسالغان ياغاچ:[مىسال:] قېيىق پالىقى.[يەشمىسى:] ③ چىۋىن ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن سىم ياكى يالتىراق توردىن ياسالغان ساپلىق ئەسۋاب:[مىسال:] چىۋىن پالىقى.[يەشمىسى:] ④ [كەسىپ تۈرى:]>تەنتەربىيە<[يەشمىسى:] تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۇرۇش ئۈچۈن ياغاچ ياكى باشقا نەرسىلەردىن مەخسۇس ياسالغان تەنتەربىيە سايمىنى:[مىسال:] تىكتاك توپ پالىقى.