Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاكىستان ئىسلام ئۆلىمالىرى جەمئىيىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
سۈننىي مەزھىپىدىكى دىنىي - سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، 1948 - يىلى مۇلتان (پاكىستاندىكى بىر جاي) دا قۇرۇلدى. مەۋلانە ئەھمەد قادىرى تۇنجى رەئىس بولدى. دۆلەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاملاشتۇرۇشنى، <قۇرئان كەرىم>، ھەدىس، شەرىئەت ئاساس قىلىنغان ئىسلام ئىلاھىي ھاكىمىيىتى قۇرۇپ، دۆلەتنى شەرىئەت بويىچە ئىدارە قىلىشنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلدى. 1953 - يىلى ئەھمەدىيە مەزھىپىگە قارىتىلغان <پەيغەمبەر ھەرىكىتىگە خاتىمە بېرىش> ھەرىكىتىگە قاتناشتى. ئەھمەد قادىرى ھەرىكەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى. 50 - يىللاردىن 60 - يىللارغىچە بۇ جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەشەببۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈشكە قاتناشتى. لايىھە پارلامېنت تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى. 1970 - يىلى مەملىكەتلىك سايلامغا قاتناشتى. 1973 - يىلى 5 - ئايدا خانىۋالدا مەملىكەتلىك سايلام يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى نىزامنامە ماقۇللاندى. مەۋلانە شاھ ئەھمەد نۇرانى رەئىسلىككە سايلاندى. مەۋلانە ئابدۇ ساتتارخان نىيازى باش شۇجىلىققا تەيىنلەندى. كېيىن بۇلار ئىككى تەرەپ بولۇپ بۆلۈنۈپ كەتتى. نۇرانى باشچىلىقىدىكى تەرەپ <دېموكراتىك بىرلەشمە فرونت> قا قاتنىشىپ، <مىللىي خەلق پارتىيىسى> بىلەن ھەمكارلىشىپ بوتتو ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇردى. ساھىبزادە فايزۇر ھەسەن باشچىلىقىدىكى بىر تەرەپ <مىللىي خەلق پارتىيسىى> نىڭ پائالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ، بوتتو ھۆكۈمىتىنى قوللىدى. 1974 - يىلى يەنە قادىئانغا قارشى ھەرىكەتكە ئارىلىشىپ، <ئاخىرقى پەيغەمبەرنى قوغداش ھەرىكىتى كومىتېتى> غا قاتناشتى.