Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
قاتار ئويۇنلىرىنىڭ بىر خىلى.
پاڭ سىزماق. * بالىلار كوچىدىلا پاڭ ئوينىشىۋاتاتتى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
گاس، ساغرۇ.
پاڭ بولماق. * پاڭ قىلماق. * پاڭ قۇلاق. * پاڭ بىلەن ئورتاق بولدۇم، گەپ ئاڭلىتالماي پورداق بولدۇم. * قورسىقى ئاچنىڭ قۇلىقى پاڭ (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز.
ئېتىلىش، يېرىلىش، پارچىلىنىشتىن كېلىپ چىققان ئاۋاز.
«پاڭ» قىلغان مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇلىقى زەخىملەنگەنلىكتىن، ئاۋاز ئاڭلىيالمايدىغان، ئاڭلاش سېزىمى گال.
«پاڭقاي» نىڭ «گاسلىقى» ئەقىل ئاجىزلىقىدىن.
گاس ئىككى كۈلىدۇ. پاڭ بىلەن ئورتاق بولدۇم، گەپ ئاڭلىتالماي پورداق بولدۇم. ساغرۇ قۇلاق بىلەن بىر يەرگە بېرىشتىن خۇدا ساقلىسۇن، پاڭقاي كىنو كۆرۈپتۇ، سۈرەتتىن باشقا ھېچنېمە ئاڭلانماپتۇ. كۈنىگە بىر يېڭىلىق ئاڭلىمىغاننىڭ قۇلىقى ئېغىر. قۇلىقىم ئېغىر، قاتتىقراق سۆزلەڭ - دېدى بوۋاق.
شىۋىلەر
ساغرو، گاس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇلىقى ئاڭلىماس، گاس، ساغرۇ.
پاڭ قۇلاق. پاڭ بولماق. پاڭ قىلماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
قاتار ئويۇنلىرىنىڭ بىر خىلى. پاڭ ئادەتتە تاختاي ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنىڭ يۈزىگە چاقماق شەكلىدە سىزىلىدۇ. ئۇنىڭ سىزىلغان يوللىرىدا پاڭ ئۇرۇقلىرىنى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ئوينىتلىدۇ.
پاڭ ئوينىماق. پاڭ سىزماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
غول - شاخلىرى ۋە يوپۇرماقلىرى ھەددىدىن زىيادە ئۆسۈپ، بۈكلىشىپ، ئۆزىنى كۆتۈرەلمەي يېتىشىپ كەتكەن؛ ھوسۇل بېرىشى كەم بولغان (بۇغداي، شال، ئارپا قاتارلىق دانلىق زىرائەتلەر ھەققىدە).
بۇغداي پاڭ بولۇپ كېتىپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
بىردىنلا ئېتىلىش، يېرىلىش، پارچىلىنىشتىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
مىلتىق <پاڭ> قىلىپ ئېتىلدى.