Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۇر سۈرىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> نىڭ <نۇر> توغرىسىدىكى ئايىتى شۇنداق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدا تۆۋەندىكى ئايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ: <ئاللا ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر. ئاللانىڭ (مۆمىن بەندىسىنىڭ قەلبىدىكى) نۇرى خۇددى (چىراغ قويىدىغان) تەكچىگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا چىراغ باردۇر. چىراغ شىشىنىڭ ئىچىدىدۇر. شىشە گويا نۇرلۇق يۇلتۇزدۇر. چىراغ مۇبارەك زەيتۇن دەرىخىنىڭ (يېغى) بىلەن يورۇتۇلغان، ئۇ (يەنى زەيتۇن دەرىخى) شەرق تەرەپتىمۇ ئەمەس، غەرب تەرەپتىمۇ ئەمەس (سەھرادا ئوچۇقچىلىقتا بولۇپ، كۈنبويى ئۇنىڭغا كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مېۋىسى پىششىپ يېتىلگەن بولىدۇ). يېغى (ئەڭ سۈزۈك بولىدۇ، سۈزۈكلۈكىدىن) ئوت تەگمىسىمۇ يورۇپ كېتەيلا دەپ قالىدۇ، (ئوت بىلەن يورۇتۇلسا) نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ، ئاللا خالىغان كىشىنى ئۇنىڭ نۇرىغا (يەنى قۇرئانغا) (ئەگىشىشكە) مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاللا (ئىبرەت ئالسۇن دەپ) كىشىلەرگە مىساللارنى (ئۇلارنىڭ پەمىگە يېقىنلاشتۇرۇپ) بايان قىلىدۇ، ئاللا ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر> (24 - سۈرىنىڭ 35 - ئايىتى). مۇفەسسىرلەر ۋە سوپىلار بۇ ئايەت ئۈستىدە نۇرغۇن تەپسىر قىلدى. جۈملىدىن سوپىلار مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن ھەرخىل سىرلىق ئەقىدىلەرنى پەيدا قىلدى. تۇستارى، ئەنسارىلارنىڭ تەپسىرلىرى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.