Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۇرغا ئىنتىلگۈچىلەر تەشكىلاتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تۈركىيىدىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى بولۇپ، بۇرۇن ياش تۈركىيە ئىنقىلابىغا قارشى دىنىي تەشكىلات ئىدى. كېيىن ئۇنىڭ رەھبىرى سەييىد نۇرسى (1873 - 1960) ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى ھەمدە ھازىرقى ئىسمىنى قوللاندى. تۈركىيىنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىۋېتىدىغان پرىنسىپىغا قارشى تۇرۇپ، شەرىئەتنى ئاساس قىلغان ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت قۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. ئادىمى كۆپ ئەمەس. ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي ئۆكتىچىلەردىن بولدى. بۇرسى 1960 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ئاجىزلاشتى.