Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۇر باخشىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ⅩⅤ - ⅩⅥ ئەسىرلەردە كەشمىردە تارقالغان تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىلى بولۇپ، بۇنى ئىراقتىكى تەسەۋۋۇپچى شەيخ شەمسى تالىف قۇرغان. تەخمىنەن ⅩⅤ ئەسىرنىڭ باشلىرى كەشمىرنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىغا تارقالغان. زاۋىيەلەرنى سالغان. بۇ شىئە مەزھىپىدىكى سوپىزمچى پىرقە بولۇپ، شەمسى تالىفنىڭ <فىخ ئەل ئەھۋەت> ناملىق ئەسىرىنى دىنىي تەرغىباتنىڭ ئاساسى قىلغان. ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى نەسەب ۋارىسلىرى دەپ ھۆرمەتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ پىرقىغە ئاساس سالغان شەمسى تالىفنى شۇ چاغدىكى مەھدى دەپ ھۆرمەتلىگەن. پىرقە ئىستىقامىتىدە پىنھان ئىستىقامەت قىلىشنى، رىيازەت چېكىپ نەپسىنى يىغىشنى، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ زىكرى سېلىشنى ۋە روزا تۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. باشلىقىمىز كەلگۈسىدىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. مۆجىزە كۆرسىتەلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. زاھىدلار كېسەل داۋالاش، چۈشكە تەبىر بېرىش، تىلەمچىلىك قىلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئەل كېزىپ دىننى تەرغىب قىلىپ، مۇرىد يىغىدۇ. يەرلىك سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئۇلارنى <بىدئەتلەر> دپ قارايدۇ. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كەشمىرغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردە (1504 - 1551) قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ بۇ پىرقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى.