Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۇمانتىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئىسپانىيىنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى تاراكۇنىس رايونىدىكى مۇھىم شەھەر. ئۇ دورىئۇس دەرياسىنىڭ باشلىنىش ئەترپىدا بولۇپ، غەربتە ئاستورىكادىن شەرقتە كائېسار ئاۋگۇستاغىچە بولغان مۇھىم يول ئۈستىگە جايلاشقان. يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز ھەم خەتەرلىك بولۇپ، تەبىئىي ئىستېھكاملارنى شەكىللەندۈرگەن. يەرلىك ئاھالىسى كېلىتبىئېرىئانلارغا تەئەللۇق. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىردە رىملىقلار ئىسپانىيىنىڭ ئىچكى جايلىرىغا بېسىپ كىرگەن، نۆمانتىيە رىمغا زەربە بېرىشنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. مىلادىدىن 137-يىل ئىلگىرى رىم كونسۇلى مانىسنۇسنى نۇمانتىيىنى ئېلىشقا ئەۋەتكەن، مانىستۇس مەغلۇپ بولۇپ، ھاقارەت خاراكتېرىدىكى سۈلھ شەرتنامىنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان (رىم سىناتى ئۇنى ئېتىراپ قىلمىغان) رىم كىچىك سىسىپىئوننى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتىپ، نومانتىيىنى ئۇزاق ئىشغال قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن. بۇ جەڭ رىمنىڭ ئىسپانىيىنىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىنى بويسۇندۇرۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى زاماندىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىپ تەكشۈرۈشتە بۇ جايدىن رىم بارگاھىنىڭ خارابىسى تېپىلغان.