Uyghurئاساسىي لۇغەت
نۇھ ئەلەيھىسسالام
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
«قۇرئان كەرىم» دىكى شەخس بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىيسا ئەلەيھىسسالام، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قاتاردا ئاللانىڭ ئالتە ئەلچىسى ھېسابلىنىدۇ. نۇھ ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ بېشارەتچىسى» دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئاللانىڭ ئەۋەتىشى بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالام قوۋمىدىكىلەرگە بىر ئىلاھلىق ئەقىدىنى تەرغىپ قىلغان. قوۋمدىكىلەر ۋەد، سۇۋائ، يەغۇس، يەئۇقى ۋە نەسر قاتارلىق بۇدلارغا سەجدە قىلىشتىن ۋاز كېچىشنى خالىمىغان. ئاللا ئۇنىڭ قوۋمىنى توپان بالاسى بىلەن جازالىغان. نۇھ ئەلەيھىسسالامغا كېمە ياساپ، دۇنيادىكى جانىۋارلارنى بىر جۈپتىن ۋە بىر خۇداغا ئىمان ئېيتقان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى كېمىگە سېلىپ، ئۇلارنى توپان بالاسىدىن ساقلاپ قېلىشنى بۇيرۇغان. توپان سۈيى يانغاندىن كېيىن، كېمە جۇدى تېغىدا توختاپ ئىمان ئېيتقانلار ئامان قالدى. ئىمانسىزلار سۇغا چۆكۈپ كەتتى. يەنە بىر رىۋايەتتە ئېيتىلىشىچە، ئۇنىڭ خوتۇنى بىر ئىلاھغا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكتىن دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەن.