Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېرۋا تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىش
بىئولوگىيە
بەدەندىكى بەزى فىزىئولوگىيىلىك جەريانلار ھەم نېرۋىنىڭ تەڭشىلىشىگە (<نېرۋا تەڭشىلىش> گە قاراڭ) ھەم تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشىگە (<تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىش> گە قاراڭ) ئۇچرايدۇ، ئىككىسى بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، بىر - بىرىگە ماسلىشىپ رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، قان قەنتى سەۋيىسىنى تەڭشەش نېرۋا - تەن سۇيۇقلۇقى تەڭشىلىشىگە كىرىدۇ. لانگېرگانس ئارالچىلىرى ئاجراتقان ئىنسۇلىن قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، لانگېرگانس ئارالچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ پائالىيىتى بولسا، نېرۋىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. بەدەندىكى قان قەنتىنىڭ سەۋىيىسى زىيادە بولغاندا لانگېرگانس ئارالچىلىرى ھۈجەيرىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى كونترول قىلىدىغان نېرۋا مەركىزىنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق لانگېرگانس ئارالچىلىرىغا يەتكۈزۈلىدۇ ۋە ئىنسۇلىن ئاجرىتىدۇ بۇ نېرۋىنىڭ تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ئىنسۇلىن قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق نىشانلىق ھۈجەيرىگە توشۇپ بېرىلىپ ھۈجەيرىنىڭ قەنت ۋە ماي مېتابولىزمغا تەسىر كۆرسىتىپ، قان قەنتى سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. مانا بۇ تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نېرۋا سىستېمىسىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ ۋە نېرۋىنىڭ تەڭشىشى يېتەكچىلىك ئورۇنغا ئۆتىدۇ. زور كۆپچىلىك ئىچكى ئاجرىتىش بەزلىرى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا تەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭشىلىشىنى نېرۋا تەڭشىلىشىنىڭ تەركىبىي قىسمى، رېفلېكس يايى چىقارغان قىسىمنىڭ بىر ھالقىسى دەپ قاراشقا بولىدۇ.