Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېرى بېرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىشنىڭ سەۋەبى، تېگى - تەكتى، ئالدى - كەينى.
مەن ئىشنىڭ نېرى - بېرىسىنى بىلمىدىم.
ئوشۇق - تۆشۈك، ئېگىز - پەس گەپ.
يىگىتمۇ نېرى - بېرى دېمەيلا قوينى يېتىلەپ مېڭىپ كەتتى.
مۇنداقلا، بىر قۇر، ئادەتتىكىچە.
ئۇ بۈدۈر چاچلىرىنى نېرى - بېرى تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.
ئۇ يەردىن - بۇ يەردىن تاغدىن - باغدىن.
بىر كۈنى ياتىقىڭغا بارسام يالغۇز ئىكەنسەن، نېرى - بېرى پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.
ئالدىراپ - تېنەپ، ھاپىلا - شاپىلا، چالا - بۇلا.
ئالماس ئۇنىڭسىزمۇ ئالدىراپ تۇراتتى، داستىخاننى نېرى - بېرى يىغىشتۇردى - دە، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
ئارتۇقچە، ئوشۇق - تۆشۈك.
- ئاكا، سىز ھازىر خېلى ياخشى تۇرۇۋاتىسىز، نېرى - بېرى ئىشنى يادىڭىزغا كەلتۈرمەڭ.