Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىقاب
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۈزگە تارتىلىدىغان پەردە:
زەمانى ئۆتۈپ كەلدى بىر ماھۋەش،
نىقابى يۈزىدە ئېرۇر شاھۋەش.
ئا. نىزارى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزىنى تونۇتماسلىق ياكى يوشۇرۇش ئۈچۈن يۈزگە تارتىلىدىغان نەرسە، بۇيۇم؛ ھەقىقىي ئەھۋال، قىياپەتنى يوشۇرىدىغان نەرسە.
نەيرەڭ نىقابقا مۇھتاج. پەردە ئېچىلسا، ساختا ئېچىلىدۇ. ماسكا تارتقاننىڭ دەردى ئىچىدە. ئۇ كلاسسىك ئەدەبىياتنى ۋىۋىسكا قىلىپ، يامان نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى، ئەمەلىيەتتە كلاسسىك ئەسەرنى ھەتتا ئوقۇيالمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆزىنى تونۇماسلىق ياكى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن يۈزگە تۇتۇلىدىغان، كىيىلىدىغان نەرسە.
تاشۋاي ئاستا جۈمەنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يۈزىدىكى نىقابنى چۆرۈپ تاشلىدى.
كۆچمە. ھەقىقىي ھال - ئەھۋال، قىياپەت ۋە شۇ قاتارلىقلارنى پەردازلىغۇچى، يوشۇرغۇچى نەرسە، ۋاسىتە.
تۈنۈگۈن <ئىلغار> نىقابقا ئورىنىۋالغانلار بۈگۈن نىقابنى يىرتىپ تاشلاپ، جاللاتلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كەتتى.