Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىشىدا مىتسۇگى
دۇنيا تارىخى
(1907 - 1937) ياپونىيىلىك فاشىست. 26-فېۋرال ۋەقەسىنى پىلانلىغۇچىلاردىن بىرى. توتتورى ناھىيىسىدىن. 1922-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئوفىتسېرلار مەكتىپىنى پۈتتۈرۈپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر سېكوندانت لېيتنانتى بولغان. ياش ۋاقتىدا كىتائىككىنىڭ دۆلەتنى ئۆزگەرتىش ئىدىيىسىنى قوبۇل قىلىپ، يۇزون جەمئىيىتىگە كىرگەن. 1925-يىلى كونجى جەمئىيىتىگە كىرىپ، <ياپونىيە> دېگەن ژۇرنالنى نەشر قىلدۇرۇپ، ناتىسىستلىق ئىدىيىسىنى تەرغىپ قىلغان. شۇ يىلى 11-ئايدا بۇ جەمئىيەتتىن چېكىنىپ چىققان. 1927-يىلى ئەسكەرلەر گازەرمىسىنى تەشكىللىگەن. 1929-يىلى ياپونىيە مىللىي پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 15-ماي ۋەقەسىدىن كېيىن كىتائىككى بىلەن بىللە رادىكال ئوڭ قانات ئوفىتسېرلار ئاساس قىلىنغان يېڭىلىققا كۆچكۈچى يولداشلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان. 1936-يىلى كىتائىككى بىلەن بىللە 26-فېۋرال ۋەقەسىنى قوزغىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.