Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىكاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تويلىشىشىنىڭ رەسىم - يوسۇن بويىچە ئادا قىلىنىشى، تويلىشىش ئەقىدىسى:
چۇ مەھزۇن دېدى: بۇ ئىش ئېرمەس سەلاھ،
رەۋادۇر مۇسۇلمانغە ئەقد نىكاھ.
ئا. نىزارى.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <باغلىنىش> دېگەنلىك بولىدۇ. دىنىي قائىدە بويىچە ئوقۇلغان نىكاھ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. نىكاھنى ئىمام ياكى ئاخۇنۇم ئوقۇيدۇ. نىكاھ ئوقۇغاندا ئىمام ياكى ئاخۇنۇم يىگىت ۋە قىزدىن نىكاھلىنىشقا رازى ياكى رازى ئەمەسلىكىنى سورايدۇ. ئاندىن ئىجاب (پەتتە خېتى) نى سورايدۇ. نىكاھنىڭ ئوقۇلۇشى يىگىت بىلەن قىزنىڭ بىللە ئۆي تۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەر - خوتۇنلۇقنى شەرىئەت يولى بىلەن رەسمىيلەشتۈرۈش ۋە شۇ رەسمىيلەشتۈرۈش ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان خۇتبە.
نىكاھ ئوقۇماق.
ئەر ۋە ئايالنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى.
نىكاھ ئەركىنلىكى. نىكاھ قانۇنى.