Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىكاياس
دۇنيا تارىخى
(سانسكرىت يېزىقىدا ئاگاما دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. بۇددا دىنى ھىنايانا سوتراپىتاكانىڭ ئومۇمىي نامى. مەنە تەرجىمىسى <بۇددا ئەقىدىسى>، بارلىق بۇددا ئەقىدىلىرى <ئاگاماسۇترا> دىن تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن چۈشۈپ قالمىغان دېگەن منىدە. ئۇ نەسرىي ئەسەر، دىئالوگ، ھېكايە، پەندى - نەسىھەت قاتارلىقرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ قەدىمىي كلاسسىك كىتابى ۋە ئەدەبىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. جەمئىي بەش قىسىم. ئاساسىي مەزمۇنى <ساتورساتيا>، <ئاياستا نگىڭامارگا>، <داۋاداساڭا پراتىتىيا - ساموتپادا>، <پانساسكاندا>، <ساتورديانا> ۋە سەۋەب - نەتىجە، ياخشىلىق ۋە يامانلىق، شەپقەت ۋە جازا، سانسار )ھاياتلىق - ماماتلىقنىڭ دەۋر قىلىپ تۇرۇشى( قاتارلىق ھىنايانانىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىنى بايان قىلىشتىن ئىبارەت. <ماخشاساكاۋىنايا> دا شەرھلىنىشىگە قاراپ، ئومۇمەن ئۇزۇنراقلىرى بىر توپلام قىلىنىپ <ئۇزۇن ئاگاما> دەپ ئاتالغان، ئۇزۇنمۇ ئەمەس، قىسقىمۇ ئەمەسلىرى بىر توپلام قىلىنىپ <ئوتتۇرا ئاگاما> دەپ ئاتالغان <ئوپاساكا>، <ئوپاسكا>، پەغپۇر، ھۈر پەرى ۋەز - نەسىھەتلىرى بىر توپلام قىلىنىپ <ساميۇكت ئاگاما> )ئارىلاشما ئاگاما( دەپ ئاتالغان، دارما Ⅰ دىن دارما Ⅱ غىچە بولغان بۇددا ئەقىدىسى بىر توپلام قىلىنىپ <ئېكوتتارىك ئاگاما> )كۆپەيگەن ئاگاما( دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭدىن قېپقالغان ھەرخىل ئەقىدىلەر بىر توپلام قىلىنىپ <كۇددا كانىكايا> دەپ ئاتالغان <ئاگاماسوترا> نىڭ ئالدىنقى تۆت قىسمى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بەشىنچى قىسمى <كۇدداكانىكايا>، <كىچىك ئاگاما> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، ئومۇمەن <دامماپادا>، <جاتاكا> قاتارلىق 15 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.