Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېگىر قۇل سودىگەرلىرى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅪ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تىنچ ئوكياندىكى بەزى ئاراللاردا <ئىشچى قوبۇل قىلىش> نامى بىلەن ئادەملەرنى ئالداپ سېتىشنى ئېلىپ بارغان قۇل سودىگەرلىرى. ئۇلار يېڭى ھېبرىدېس تاقىم ئاراللىرى، گىلبېرت تاقىم ئاراللىرىدىن نېگىر ئەمگەكلىچىلەرنى ئاۋسترالىيە، فىجى قاتارلىق جايلاردىكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قورۇقلىرىغا ئاپىرىپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان. توشۇپ سېتىش يولى ئۈستىدە، ئۇلار نېگىر ئەمگەكچىلەرنى دەپسەندە قىلىپ، خالىغىنىچە خارلىغان، بەزىدە يارىدار قىلىش، ئۆلتۈرۈۋېتىش ئىشلىرىمۇ كۆرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ۋەھشىيانە قىلمىشلىرى نېگىرلاردىن <ئىشچى قوبۇل قىلىش> پائالىيىتىنىڭ نامىنى رەسۋالاشتۇرۇۋەتكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1872-يىلى تىنچ ئوكيان ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاالىلەرنى مۇھاپىزەت قىلىش قانۇنى (يەنى بەش شوئار باغلاپ كېتىش قانۇنى) نى ماقۇللاپ، بۇ ئىشقا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.