Uyghurئاساسىي لۇغەت
نېگىر قۇللار قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<بەسرەدىكى نېگىر قۇللار قوزغىلىڭى>، <زەنگىلەر قوزغىلىڭى> مۇ دېيىلىدۇ. ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۆتۈرۈلگەن خەلق قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتلىدۇ. ئۆزىنى ھەزرىتى ئەلىنىڭ پۇشتى دەۋالغان ئەلى بىننى مۇھەممەد (؟ - 883) شەرقىي ئافرىقىلىق نېگىر قۇللارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بەسرەنىڭ يېنىدا قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئەلى بىننى مۇھەممەد خاۋارىجلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇ ئۆزىنى ئاللانىڭ ئەلچىسى دەپ ئاتاپ، ئادالەتسىز خەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا چاقىردى. يامانلىق قىلغانلارنى جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇشنى، ياخشى ئادەم نېگىر بولغان تەقدىردىمۇ خەلىپە بولسا بولىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن 200 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، قاچقان قۇللارنى، قوشۇندىكى نېگىر ئەسكەرلەرنى، دېھقانلار ۋە كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇلار مۇختەلەينى مەركەز قىلىپ، ئىككى دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىمىنى تىزگىنلەپ، ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ۋە ئىراننىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى ئىگىلەپ، بەسرەنى بۇلاپ، باغداتقا تەھدىت سالدى. مۇختەلەينى 883 - يىلى 8 - ئايدا خەلىپە قوشۇنلىرى ئىشغال قىلدى. ئەلى مۇھەممەد ئۆلۈۋالدى. قوزغىلاڭ 14 يىل داۋاملىشىپ، مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.