Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەپس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىش - ئىچىشكە، مال - دۇنياغا بولغان ھېرىسلىق.
نەپسىنى يىغقان سۇلتان بولار. يىغمىغىنى ئۇلتاڭ. نەپس دېگەن بالادۇر، ئاخىر ئوتقا سالادۇر. نەپسىدىن كەچكەن ئىزاغا قالماس. نەپسانىيەت - ئەڭ يامان مەسلىھەتچى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەردىكى يېيىش - ئىچىش، مال - دۇنياغا بولغان ھەۋەس، قىزىقىش ئەگەر.
پۇشايمانغا دۇچار بولۇشتىن خاتىرجەم بولاي دېسەڭ، نەپسىڭگە ئەگىشىپ خىيالىڭغا كەلگەن ئىشنى قىلىشقا كىرىشمە.
شەھۋانىي ھەۋەس، تەلەپ.
- قارىغاندا بۇ ئايالنىڭ نەپسى ياماندەك قىلىدۇ. نەپسىڭنى يىغ، ئۆزۈڭنى؛ ئالدۇرۇپ قويما، يەنە، - دېدى ئۇ ماڭا مەنىلىك قىلىپ.