Uyghurئاساسىي لۇغەت
نەپ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىرىدىن ئاشقان دارامەت؛ ئېرىشكەن ياخشىلىق.
خەلقىمگە پايدام تەگمىسە قايسى كۈنى، ئۆمرۇم ھېسابىغا قوشالمايمەن ئۇنى. ئەقىلسىز بازارغا بارغۇچە، ئەقىللىق پايدا ئاپتۇ. ئۆتۈكۈڭ تار بولسا جاھاننىڭ كەڭلىكىدىن نېمە پايدا، خوتۇنۇڭ بېشەم بولسا، ئالەمنىڭ تىنىچلىقىدىن نېمە پايدا. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنىڭ تايىنى. قوي باقىدىغان ئىتلار تالاشسا، بۆرە ئارىدىن نەپ ئالار. بېيىۋالغان تىلەمچى، بىچارىگە نەپ بەرمەس. ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ئۆلمەيدۇ. نېمە، چىقىش قىلمىدىمۇ؟ چېقىمچىلىقتىن ھېچ تاپاۋەت تاپالمايسەن. دوستقا ئاداۋەت _ دۈشمەنگە تاپاۋەت.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈم، پايدا ئالماق
زىيان، زەرەر
ئىش - ئوقەتتىن ھاسىل بولغان يوقىتىش. زىيان تارتماق
پايدا تاتلىق، زىيان ئاچچىق. كەمبەغەلنىڭ ھايىنى يوق، تاپقان پۇلىنى تايىنى. يەرگە قىغ بەرسەڭ، يەر ساڭا نەپ بېرىدۇ. يانچۇققا زىيان، ئەقىلگە پايدا. زەرەر زەھەردىن ئاچچىق. ھايان ماڭا، زىيان ساڭا. ياخشى ئىشتا بەھر كۆپ. ياخشى ئىشتىن بەھر ئال. كۆپچىلىككە مەنپەئەت يەتكۈز، كۆپچىلىكتىن مەنپەئەت ئال. دوستقا ئاداۋەت - دۈشمەنگە تاپاۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر ئىش ياكى نەرسىدىن ئالىدىغان نەتىجە؛ پايدا.
ۋالاقتەگكۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ بەرمەس (ماقال)، * قىز چوڭ بولسا گەپ تولا، ئوغۇل چوڭ بولسا نەپ تولا (ماقال).