Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناخشا ئۇسسۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆپچىلىككە كۆرسىتىلىدىغان مۇزىكا ئەسەرلىرى، ناخشا، ئۇسسۇل ۋە باشقىلار
كونسېرت كېچىلىكى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكى كېيىنكى يىللاردا يېڭى نومۇرلارنى ئېلىپ چىقتى.
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە ئېدو دەۋرىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن بىر خىل تىياتىر. 1603-يىلى چۇيۇن (بۈگۈنكى سمانە ناھىيىسى) دىكى ئايال سەنئەتكار ئاگو كىيوتوغا بېرىپ ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن، 1629-يىلى (كۇەنيۇڭنىڭ 6-يىلى) شوگنات تەرىپىدىن مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ ئورنىغا ئەرلەر ئوينايدىغان بولغان. 1652-يىلى يەنە مەنئى قىلىنغان، كېيىن ئۇ قەدىمكى دراممىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇسسۇلنى دراممىغا ئۆزگەرتكەن. بۇ ئاساسەن يۇەنلۇ يىللىرىدا (1688 - 1704) شەكىللەنگەن. سەھنىنىڭ ئىككى ياقىسىغا <يول> قالدۇرۇلۇپ، سول تەرىپىدىكى <يول> ئارتىستلاrنىڭ تاماشچىلار ئارىسىدىن سەھنىگە چىقىشى ۋە سەھنىدىن چۈشۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئاتاغلىق ئارتىست ئىچىكاۋا تۇەنجۇرو (1660 - 1704) <ناخشا - ئۇسسۇل سەنئەتكارى> دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ناخشا ۋە ئۇسسۇل.
يالغۇز ئاجايىپ ناخشا - ئۇسسۇلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ماھىرلىقىمىز بىلەن ماختىنىپ ئۆتۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.