Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناخىموۋ
دۇنيا تارىخى
(1802 - 1855) روسىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمىرالى. سمولېنىسكى ئوبلاستىدىكى ھەربىي سەپتىن قايتقان ئوفىتسېر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دېڭىز ئارمىيە مەكتىپننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بالتىق دېڭىز فلوتىغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1822 - 1825-يىللىرى پاراخوت بىلەن يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققان. ناۋارېن جېڭى ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى (1828 - 1829) غا قاتناشقان. 1845 - 1854-يىللىرى قارا دېڭىز فلوتىنىڭ قوماندانى بولغان. قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1853-يىلى 11-ئايدا سىنوۋ جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ، تۈركىيە فلوتىنى يوقاتقان. 1854-يىلى 9- ئايدا كورنىلوۋ بىلەن بىللە سىۋاسىتوپول مۇداپىئە ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلغان. ئىككىنچى يىلى 6-ئايدا مارخوۋ ئېگىزلىكىنى تالىشىش جېڭىدە ئۆلگەن.