Uyghurئاساسىي لۇغەت
نادامەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىنىشلىق ئۆكۈنچ.
ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى، كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. ھەسرەت چەككەندىن مۇشت كۆتۈرگەن ئەلا. تەبىئەتتىن غۇرۇر كۆتۈرسە باش، ساپ دىلغىمۇ نادامەت بولغاي يولداش. ئارمىنى يوق ياش، ھەسرىتى يوق قېرى يوق. ئارمان يوق. دەرمان يوق. تېرىغان خامان قىلار، تېرىمىغان ئارمان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ھەسرەتتىن كەلگەن زار، دەرد - ئەلەمدىن ئۆكۈنۈش.
نالە كېسەلنىڭ ھەمراھى. دەردى يوقنىڭ پىغانى يوق. مۇڭنى بىلمىگەن يۈرەك مۇزدەك. دەردمەننىڭ پەريادى پەلەكتىن ئاشتى. ئالۋان كەلدى ئالامەت، بىزگە بولدى نادامەت، ئالۋاننى بەرمەي قويساڭ، بىزگە بولار قىيامەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆز قىلمىشى ئۈچۈن روھى جەھەتتىن پەيدا بولغان ئازاب، بىئاراملىق، پۇشايمان، ئۆكۈنچ، ئەپسۇس.
نادامەت چەكمەك. نادامەت قىلماق.