Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
拿破仑宪法
دۇنيا تارىخى
ناپولېئون ئاساسىي قانۇنى
فرانسىيدە ناپولېئون Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل (1799 - 1814، 1815) دىكى ئاساسىي قانۇن. تۇمانلىق ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، جۇھمۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان. بۇ ئاساسىي قانۇن نامدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ساقلاپ قېلىنغان، ئەمەلىيەتتە پادىشاھلىق تۈزۈم يولغا قويۇلغان. ئاساسىي قانۇندا، ناپلېئوننىڭ بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئىكەنلىكى، ۋەكالەت مۇددىتى 10 يىل بولۇپ، داۋاملىق سايلانسا داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى؛ بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پۈتۈن مەمۇرىي ھوقۇقنى ۋە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى ۋە ئېلان قىلىش ھوقۇقىنى ئۆز ئالدىغا تۇتىدىغانلىقى؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىدە مەسلىھەت بېرىش ھوقۇقى بولىدىغانلىقى، پارلامېنت تۆت پالاتادىن تەشكىل قىلىنىپ سىياسىي ئىشلار پالاتاسى قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى، قانۇن چىقىرىش پالاتاسى مۇنازىرە قىلمايلا قوللاپ ياكى رەت قىلپ ئاۋاز بېرىدىغانلىقى، مۆتىۋەرلەر پالاتاسى تەستىقلايدىغانلىقى، ئاخىرىدا بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئىمزا قويۇپ ئېلان قىلىدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنگەن. شەكىل جەھەتتە 21 ياشقا توشقان ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە سايلاش ھوقۇقى بولغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە كوممۇنا، ئۆلكە ۋە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆرسىتىلگەن <پەخرى پۇقرا> لارغا ئاساسەن، پەقەت بىرىنچى ساكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئەمەلدارلارنى تەيىنلىشى ئۈچۈن نامرات ئىسىملىكى تەييارلاپلا بېرىلگەن. ناپولېئون ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە بۇ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن، لېكىن ئاساسىي مەزمۇنى ئۆزگەرتىلمىگەن. 1802-يىلى 8-ئايدا جۇمھۇرىيەتنىڭ ئونىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنى ماقۇللىنىپ، بىرىنچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ئۆمۈراۋايەت ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1804-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقى جاكارلانغان، جۇمھۇرىيەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىنغان. 1815-يىلى يۈز كۈنلۈك سۇلالە ۋاقتىدا <ئىمپېرىيە ئاساسىي قانۇننىڭ قوشۇمچە قانۇنى> ئېلان قىلىنىپ ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى قۇرۇلغان. پارلامېنتنىڭ ھوقۇقى بىر ئاز كېڭەيتىلگەن.