Uyghurئاساسىي لۇغەت
نانوكۇنى خان تامغىسى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيە كيۇشۇدىكى فۇكوئوكا شەھىرىنىڭ شەرقىي رايونى شىكانوشىما ئارىلىدا 1784-يىلى تېپىلغان ئالتۇن تامغا. جۇڭگونىڭ <كېيىنكى خەننامە> دېگەن كىتابىدا جيەنۋۇ جۇڭيۇەننىڭ 2-يىلى (57-يىلى) خەن گۇاڭ ۋۇدىنىڭ ياپونىيە نانوكۇنى دۆلىتى خانىغا ئالتۇن تامغا تەقدىم قىلغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، بۇ دەل مۇشۇ تامغىدۇر. بۇ ئالتۇن تامغا تۆت چاسا شەكىللىك بولۇپ، تەرەپلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.2 سانتىمېتردىن، ئېگىزلىكى 2.2 سانتىمېتر، ئېغىرلىقى 108.37 گرام كېلىدۇ. تامغىنىڭ يۈزىگە لىشۇ ئۇسلۇبىدىكى خەنزۇچە نائوروجى <汉委奴国王> دېگەن بەش خەت ئۈچ قۇر قىلىپ ئويۇلغان. ئارقا تەرىپىدە يىلان شەكىللىك تۇتقۇچ بولۇپ، يىلاننىڭ بەدىنىگە بېلىقسىمان سىزىقلار سىزىلغان. بۇ قەدىمكى جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى چۈشەندۈرىدىغان بىر مۇھىم ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.