Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناھايىتى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈپەتنىڭ ئاشۇرما دەرىجىسىنى ياسايدىغان دەرىجە رەۋىشلىرى.
ئەڭ مۈشكۈل كەسىپ كىشىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر. ناھايىتى چوڭ ئىشلارمۇ كىچىك ئىشلاردىن چىقىدۇ. ئىنتايىن زۆرۈر بولمىسا، ئۇرۇشتىن توختاپ سۈلھ تۈز. مەردلىك ئەمەس، شەكسىز، جاھىل ھاياجان، يەرگە يىقىلغاننى تەپمەك بەك ئاسان. بۈگۈنكى ئويۇن تازا قىزىدى. مېنىڭسىز ئىشلىرى يۈرۈشەر تازا، بىرەر سۆز قىلىشىم ياراشماس ئاڭا. ئادەمنىڭ راسا كەمتەر ۋاقتى ئۇلۇغلۇققا تازا يىقىنلاشقان چېغى. بۇ بالا يامان ياخشى بالا ئىكەن. ئەجەب ياخشى بوپتۇ، بۇرنۇڭغا سۇ كىرىپتۇ. گاداينىڭ ئۇيقۇسى ئاجايىپ قاتتىق. ھايات _ قالتىس ھۈنەر. زەپ چىرايلىق كەلدى باھار. غايەت زور نەيىجە ياراتساڭمۇ مەغرۇرلارنما. مەن ئۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرىمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. ئىنتايىن، بەك.
بۇ تەكلىپكە سەپەرقۇل بىلەن رەۋىخان موماي ناھايىتى خۇشال بولدى.
يۈك <پەقەتلا ھەممىسى بولۇپ، جىق بولسا، ئاخىرى بېرىپ، بار - يوقى> دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
- ئىلى، ئالتاي يېقىنغۇ، ناھايىتى نەچچە كۈنلۈك يول.