Uyghurئاساسىي لۇغەت
ناماز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ بىرى. كۈنىگە بەش قېتىم ناماز ئوقۇلىدۇ.
ئەخمەق ناماز ئۆتىسە پېشانىسىنى يېرىۋالار. خەقنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇپتۇ.
بىئولوگىيە
بۇ پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدە <سالات> دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مەككىدىكى كەبىگە قاراپ دۇئا - تىلاۋەت قىلىش، سەجدە قىلىش قاتارلىق مۇراسىملىرى ناماز ئوقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى مەزگىللەردە ناماز توغرىسىدا مۇقىم تۈزۈم بولمىغان، ئەتىگەندە، كەچتە ھەمدۇ سانا ئېيتىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن. <قۇرئان كەرىم> دە ناماز توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان (17 - سۈرىنىڭ 78 - ئايتىگە، 3 - سۈرىنىڭ 17 -، 18 - ئايەتلىرىگە قاراڭ). شۇنىڭدىن كېيىن نامازنىڭ ھازىرقى بىر يۈرۈش تۈزۈم ۋە قائىدىلىرى شەكىللەنگەن. بۇ تۈزۈم قائىدىلەر تۆۋەندىكىچە: (1) بەش ۋاخ ناماز بامدات نامىزى، پىشىن نامىزى، دېگەر نامىزى، شام نامىزى، ناماز خۇپتەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەر ۋاخ نامازنىڭ رەكەت سانى بولىدۇ. ئەڭ كۆپى 10 رەكەت، ئەڭ ئاز بولغاندا تۆت رەكەت بولىدۇ. ئەقلىي - ھۇشى جايىدا، تېنى ساغلام، بالاغەتكە يەتكەن مۇسۇلمان چوقۇم ناماز ئوقۇشى لازىم. ئەگەر ئاغرىپ قالغان، سەپەردە بولغان ياكى جىددىي ئەھۋالغا ئۇچرىغاندا نامازنى قىسقا ئوقۇسا ياكى كېيىن تولۇقلىۋالسا بولىدۇ. بەش ۋاخ نامازنى پاكىز ھەرقانداق جايدا ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ. (2) جۈمە نامىزى؛ (3) ھېيت نامىزى؛ (5) مىيىت نامىزى. ناماز خاراكتېر جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك بۆلۈنىدۇ: (1) پەرز ناماز. جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ناماز بولۇپ، بەش ۋاخ ناماز، جۈمە نامىزى، مېيىت نامىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. توغرا سەۋەبسىز ناماز ئوقۇماسلىق گۇناھ ھېسابلىنىدۇ؛ (2) سۈننەت ناماز، ھېيت نامىزى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تەقلىد قىلىپ پەرز نامازدىن ئىلگىرى - كېيىن ئوقۇلىدىغان نامازنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سۈننەت نامازنى ئوقۇماسلىق نومۇس، دەپ قارىلىدۇ؛ (3) نەفلە ناماز، بەش ۋاخ نامازدا رەكەت سانىنى كۆپەيتىش، نەفلە ناماز ئوقۇش (ئۆز ئىختىيارى بىلەن)، ۋىتىر نامىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامازغا كىرگەندە بەدەن، كىيىم - كېچەك، ئورۇن پاكىز بولۇشى، مۇۋاپىق كىيىنىش كېرەك. ئەرلەر كىندىكتىن تىزىغىچە بولغان ئارىلىقنى يېپىشى؛ ئاياللار يۈزى، قولى، پۇتىدىن باشقا ھەممە يېرىنى يېپىشى كېرەك. ھېيىز كۆرگەندە، تۇغقاندا، بالا ئىمىتىۋاتقاندا ناماز ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھال مەسچىتكە كىرىش كېرەك. كۆڭلىدە ناماز ئوقۇيدىغان ئېنىق نىيەت بولۇش لازىم. نامازنىڭ مۇنداق ئالتە قائىدىسى بۇلىدۇ: (1) ئىككى قولنى قۇلاققا تەككىچە كۆتۈرۈپ، ئاللاھۇ ئەكبەر دېيىش كېرەك؛ قىيامدا تۇرۇپ، ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنىڭ بېغىشىنى تۇتۇپ تۇرۇش، سۈرە فاتىھەنى ئوقۇش كېرەك؛ (3) بەدەننى 90 گرادۇس ئېگىپ رۇكۇ قىلىش، ئىككى قول بىلەن ئىككى تىزنى تۇتۇش كېرەك؛ (4) تىكلىنىپ، ئىككى قولىنى قۇلاققىچە كۆتۈرۈش (ئاياللار مۈرىگىچە كۆتۈرۈش)، <ئاللاھۇ ئەكبەر> دېگەندەك ئايەتلەرنى ئوقۇش كېرەك؛ (5) سەجدە قىلىش، تىزنى، ئىككى پۇتنىڭ بارماقلىرىنى، ئىككى بىلەكنى، ئىككى ئالقاننى ۋە پېشانىنى يەرگە تەككۈزۈش كېرەك؛ (6) تەشەھھۇد (ئەتتەھىياتتۇ) دە ئولتۇرۇش كېرەك. بىر قېتىم قىيامدا تۇرۇش، رۇكۇ قىلىش، ئىككى قېتىم سەجدە قىلىش بىر رەكەت ھېسابلىنىدۇ. ھەربىر قائىدىدە نۇرغۇن بەلگىلىمىلەر ۋە ئەھۋالغا قاراپ ئۆزگىرىدىغان ئۇسۇللار بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ناماز ئوقۇش قائىدىسى ئەرلەرنىڭكىدىن سەل پەرقلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا سېغىنىپ كۈندە بەش قېتىم بېجىرىشى زۆرۈر بولغان ئىبادىتىنىڭ نامى.
ناماز ئوقۇماق. ناماز ۋاقتى.