Uyghurئاساسىي لۇغەت
نام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاتاق، شۆھرەت.
نام، ئىسىم:
يەنە ھەم ئەزىزى مەقام ئەيلەمىش،
ئۇلار نامىنى خاجە مۇقبىل دېمىش.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئات، ئىسىم، ئاتاق؛ شۆھرەت، ئابرۇي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە شەيئىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۇلارنى بىر - بىردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئاتاش.
ئات ئايلىخانغا، يول سارىخانغا. ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق.
قارا ئىسملىك. نامزاتلار ئىسىملىكى. ئىسمى بار، جىسمى يوق. ئىسمى جىسمىغا لايىق. نامدا بار، ئەمەلدە يوق. چاۋىسىنى چىتقا يايماق. تۇتقىن قانۇن ئاغىرلىق،يادسۇن چاۋىڭ بۇرۇنغا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋە مەشھۇر بولغان نىشان، شۆھرەت.
دۆلەتتىن ئاتاق ئارتۇق. ئاتىقى يوق ئەردىن ئوتى يوق يەر ياخشى. گۈزەل ئەخلاق تېرىساڭ، ئاتاق - داڭ يىغىسەن. كۆپنىڭ داڭقى كۆكنى يارار. ياخشى ئاتاق، ياخشى نام يىراققا تارقىلار.
جان تېپىلار، نام تېپىلماس. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. جان كەتسە كەتسۇن، نام كەتمىسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
ئادەم ياكى نەرسىگە مەخسۇس قويۇلغان ئات، ئىسىم.
نام بېرىپ ھاسا دەرىخىگە شۇ دەم. ئاتىشىپتۇ <ئەزىمەت> دەپ ئۇنى ھەم.
مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم خىزمەتتە ئېرىشكەن نەتىجلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇتۇق - نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بەلگىلىمىلەر ئاساسىدا بېرىلگەن دەرىجە، ئۇنۋان، مەخسۇس ئاتاق.
بۇ قاراۋۇلخانا بۇ نۆۋەت <قارا قۇرۇمدىكى پولات قاراۋۇلخانا> دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
كۆپچىلىك ئارىسىدىكى داڭق، شۆھرەت، شەرەپ.
ئەل ئارىسىدا گۈلئايىم، چېۋەر قىز دەپ نامىڭ بار. ساڭا لايىق ئوت يۈرەك، مەندەك ئىشچان يارىڭ بار.