Uyghurئاساسىي لۇغەت
نالە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
زارلىنىش، ئەپغان، پەرياد:
رىزائى ئىشىق ئوتىدا مەستۇ شەيدا ۋالەۋۇ ھەيران،
كى قىلسام ھەردەم ساڭا سەندىن ۋەفا يوقتۇر.
رىزائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئىڭرىماق، ھەسرەت چەكمەك؛ ئۆكۈنمەك؛ نالەسۇز - نالە قىلغۇچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەرد _ ئەلەمدىن چىققان قاتتىق ئاۋاز، يىغى _ زار.
دادىمنى ئېيتقۇچە، دەرمانىم قالمىدى. كۆڭلى خۇش نەدىن بىلسۇن پەريادنى، دەرد تارتىپ كۆرمىگەن بىلمەيدۇ دەردنى. نالەم كۆككە يەتتى، خۇداغا يەتتى. كىتاب بىلەن ياشىغان ئادەم مەڭگۈ پىغان چەكمەيدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قايغۇ - ھەسرەتتىن كەلگەن زار، دەرد - ئەلەمدىن ئۆكۈنۈش.
نالە كېسەلنىڭ ھەمراھى. دەردى يوقنىڭ پىغانى يوق. مۇڭنى بىلمىگەن يۈرەك مۇزدەك. دەردمەننىڭ پەريادى پەلەكتىن ئاشتى. ئالۋان كەلدى ئالامەت، بىزگە بولدى نادامەت، ئالۋاننى بەرمەي قويساڭ، بىزگە بولار قىيامەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
غەم - ئەلەم، دەرد - ھەسرەتنى ئىپادىلەيدىغان دەردلىك ئاۋاز؛ پەرياد، پىغان.
نالە قىلماق.
يالۋۇرۇش، ئىلتىجا، ئۆتۈنۈش قاتارلىق تەلەپ تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مۇڭلۇق ئاۋاز، يېلىنىپ قىلىنغان ئىلتىجا ئاۋازى.
ئىت ھۆركىرەپ يىغلاپ ئۆزىگە ئۆلۈم تىلەپتۇ. ئۇنىڭ نالىسىگە چىدىماي، ياسىن بىلەن مۈشۈكمۇ يىغلاپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نالىگۈل
ئېرىشمەك