Uyghurئاساسىي لۇغەت
نالاندا
دۇنيا تارىخى
مەنە تەرجىمىسى <زېرىكمەي سەدىقە قىلىش> دېگەنلىك. مەدىمكى ھىندىستاننىڭ ماگادخا دۆلىتىدىكى مەشھۇر بۇددىزم خارابىسى. ھىندىستاننىڭ بىخار شتاتىنىڭ باراگون دېگەن يېرىدە. كۇمارا گۇپتا (413 - 455-يىللىرى تەختتە بولغان) بۇ يەردە ئىبادەتخانا قۇرغاندىن كېيىن، گۇپتا خاندانلىقى پادىشاھلىرىمۇ، بۇنى داۋاملىق كېڭەيتىپ قۇرغان. ئۇنىڭ سەككىز چوڭ قورۇسى بولۇپ، راھىب ۋە تالىپلار، ساھىبخان ۋە مېھمانلارنىڭ سانى داۋاملىق 10 مىڭ كىشىەە يەتكەن، ئۇلار بۇددىزمنىڭ ماھايانا ۋە ھىنايانا مەزھىپىنىڭ ھەمدە ۋېدا، خىتوۋىديا، سىراۋاكا، تىبابەتچىلىك تەلىماتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن. ئۇ قەدىمكى ھىندىستان بۇددىزمنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتى ۋە بۇددا دىنى مەركىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شۈەنزاڭ، يىجىڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە تۇرۇپ كۆپ يىل نوم - سۇترا ئۆگەنگەن. ⅩⅡ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ تاشلىنىپ قالغان. 1861-يىلى قېزىلىشقا باشلىغان. قېزىۋېلىنغان بىر پارچە تاش ئابىدىدىكى ئويما يېزىقتىن خارابە سىزىلگەن بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن ئىككى كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. راھىب قورۇسى، ساڭرام (ئىبادەتخانا) قاتارلىقلارنىڭ خارابىلىرى تېپىلغان ھەمدە تاش ھەيكەل، مىس ھەيكەل، برونزا ھەيكەل، تامغا، ساپال قاچا قاتارلىق ئاسار - ئەتقىقىلەر قېزىۋېلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپى پالا دەۋرىدىكى نادىر ئەسەرلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.