Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇۋەھھىد سۇلالىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1147 - 1269)<ئەل مۇھادې خاندانىقى> مۇ دېيىلىدۇ، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئىسپانىيىدىكى ئىسلام ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ سۇلالىنى شىمالىي ئافرىقىدىكى بەربەرلەردىن ئىبنى تۇمارت قۇردى. تۇمارت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۆزلىرىنى مۇۋىھھىدلەر (بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىشەنگۈچىلەر دېگەنلىك بولىدۇ) دەپ ئاتىغانلىقتىن، سۇلالە نامى شۇنداق ئاتالدى. بۇ سۇلالە ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىدا قۇرۇلدى. ئىبنى تۇمارت دىنىي ئىسلاھاتچى بولۇپ، ئۆزىنى ئىمام مەھدى دەپ ئاتاپ، بىر خۇدالىق ئېتىقادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى ھەرىكەتنى قوزغاپ، ماراكەشتىكى بەربەرلەرنىڭ خەلىپلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇپ، كۈندىن - كۈنگە كۈچەيدى. كېيىن شىمالىي ئافرىقىنى قورال كۈچى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ماراكېسنى پايتەخت قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان ئابدۇمۇمىن (1130 - 1163) 1145 - يىلى قوشۇن ئەۋەتىپ ئىسپانىيىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىپ، سېۋىللادا ھاكىمىيەت قۇردى. ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى سۇلتان دەپ ئاتالدى. ئىسپانىيىنىڭ مۇسۇلمان سۇلالىسىدا مەدەنىيەت يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. ئىبنى تۇفەيل، ئىبنى رۇشىد قاتارلىق مەشھۇر پەيلاسوپلار ۋ ئالىملار يېتىشىپ چىقتى. كېيىن بۇ سۇلالە خرىستىئان پادىشاھلىقى تەرىپىدىن يوقتىلدى. شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلار سۇلالىسى كېيىن كىچىك دۆلەتلەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى.