Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇۋەھھىدلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «ئاللانىڭ بىرلىكىگە ئىمان ئېيتقۇچى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئۇلار «تەۋھىد» نى يەنى ئاللانىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكتىن شۇنداق ئاتالغان. تارىختا مۇشرىكلىككە ۋە پان ئىلاھچىلىق خاھىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئەھلى تەۋھىدتە چىڭ تۇرغۇچىلار كۆزدەت تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، ۋەھھابىلا ئۆزىنى «مۇۋەھھىدلار» دەپ ئاتىدى. تارىختا Ⅻ ئەسىردىكى بەربەر ئىبنى تۇمارت ماراكەشتە «مۇۋەھھىدلار ھەرىكىتى» نى قوزغاپ، مۇۋەھھىد سۇلالىسى قۇرغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.