Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھەممەد دىنى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زاماندا غەرب ئىسلام دىنىنى مۇھەممەد دىنى (穆罕默德教) دەپ خاتا ئاتىغان. خرىستىئان دىنى شۇ دىننىڭ پەيغەمبىرى ئىيسانىڭ نامى بىلەن <ئىيسا دىنى> دەپ ئاتالغانلىقتىن، بەزىلەر شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئىسلام دىنىنى مۇھەممەدنىڭ دىنى دەپ ئاتىغان. لېكىن، ئىسلام دىنى بۇنداق ئاتاشقا قارشى تۇرىدۇ، بۇنداق ئاتاش ئىلمىي تەۋھىدكە خىلاپ دەپ قارايدۇ.