Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى كەيسانىيە ئېقىمى ھۆرمەتلەيدىغان ئىمام. ھەزرىتى ئەلى بىلەن خورا (بەنى ھەنىفەلەردىن) نىڭ ئوغلى. ھەسەن بىلەن ھۈسەين ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، كەيسانىيە ئېقىمىدىكىلەر مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيەنى ھەزرىتى ئەلى جەمەتىنىڭ ۋارىسى، دەپ قارىدى. مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيە باشتا بۇ ئېقىمنىڭ رەھبىرى مۇختار بىننى ئۇبەيدە مەسئۇد سەقەفى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالىمىدى، مەككىدە خەلىپە بولۇۋالغان ئابدۇللا بىننى زۇبەيرگىمۇ قارشى تۇردى. كېيىن ئابدۇللا بىننى زۇبەير تەرىپىدىن تۈرمىگە سېلىنغاندا، مۇختار بىننى ئۇبەيدە بىننى مەسئۇد سەقەفىدىن ياردەم سورىدى. تۈرمىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، تائىفقا بېرىپ پاناھلىنىپ، كەيسانىيە ئېقىمىدىن ئايرىلدى. ئابدۇللا بىننى زۇبەيرنىمۇ، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىدى. ئابدۇللا بىننى زۇبەير مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسىنى ئېتىراپ قىلدى. كېيىن مەككىگە يېنىپ كېلىپ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. رادۋا تېغىغا دەپنە قىلىندى. كەيسانىيە ئېقىمىدىكىلەر ئۇنى قايتىدىن دۇنياغا كېلىدىغان مەھدى، دەپ قارايدۇ.