Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھاجىرلار ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
19 -ئەسىردىكى ھىندىستاندا ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى بارېرى (شىمالىي شتات چېگرىسى ئىچىدە) دىكى ئەھمەد شاھىدى 1826 - يىلى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەت ئوخشىشىپ كەتكەنلىكتىن <ھىندىستاندىكى ۋەھھابىيلار ھەرىكىتى> دەپمۇ ئاتالدى. بۇ ھەرىكەتكە قاتناشقۇچىلار <مۇجاھىدلار> دېيىلگەنلىكتىن، ھەرىكەت مۇجاھىدلار ھەرىكىتى دەپ ئاتالدى. 19 -ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موغۇل ئىمپېرىيىسى ھالاكەتكە يۈزلەندى. شاھ ئابدۇ ئەزىز قاتارلىق مۇسۇلمان مۇتەپپەككۇرلىرى ھىندىستان كاپىرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالدى، دەپ قاراپ، ھىندىستاننى <ئۇرۇش رايونى> دەپ جاكارلىدى. ئۇنىڭ شاگىرتى ئەھمەد شاھىدى ۋەز ئېيتىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئاممىنى قوزغاپ، 1821 - يىلى مۇجاھىدلار تەشكىلاتىنى قۇردى. 1826 - يىلى 1 - ئايدا كاپىدىن يولغا چىقىپ، گۋاليور، ئەجمىل، ھەيدەرئاباد، كابول ۋە جەلالئاباد قاتارلىق جايلارنى بېسىپ شۇ يىلى 11 - ئايدا بىشاۋۇرغا كېلىپ، جىھاد مەركىزى قۇردى. كېيىن يەنە چاساتا ۋە نەۋسالاغا يۈرۈش قىلىپ، شۇ يەردىكى سېخ دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھۆكۈمرانلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. ئاكۇراھ ئۇرۇشىدىن كېيىن، مۇجاھىدلار تەشكىلىنىڭ ئادىمى 80 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. 1831 - يىلى 5 - ئايدا سېى قوشۇنى بىلەن مۇجاھىدلار بەلاكۇتتا قاتتىق جەڭ قىلدى. ئەھمەد شاھىدى بىلەن شاھ ئىسمائىل شاھىدى (1784 - 1831) بىللە شېھىت بولدى. بۇ ھەرىكەت پۈتكۈل شىمالىي ھىندىستانغا، ئافغانىستانغا ۋە كەشمىر رايونىغا يېيىلىپ، 1857 - يىلى ھىندىستاندىكى قوزغىلاڭ مەغلۇب بولغىچە داۋاملاشتى.