Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۇھاجىرلار
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ ئەسلىي مەنسى «كۆچمەنلەر» دېگەنلىك بولۇپ، 622 - يىلى مەككىدىن مەدىنىگە كەلگەن مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى پەتھى قىلىش (630) تىن ئىلگىرى جايلاردىن مەدىنىگە كەلگەن مۇسۇلمانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ساھابىلار ئىچىدىكى ئورنى ھەممىدىن يۇقىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالاھىدە ماختىشىغا سازاۋەر بولغانلارغا باقىي ئالەمگە بارغاندا ئۇلارنىڭ بىۋاسىتە جەننەتكە كىرىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلگەن. مۇھاجىر - ئىسلام دىنىدىكى شەرەپلىك نامدۇر.