Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكا پارلامېنتى 1820-يىلى قۇللۇقى تۈزۈمىنى ساقلاپ قېلىش ياكى بىكار قىلىش مەسىلىسى ۋە مىسسۇرى شتاتىنىڭ قانداق سالاھىيەت بىلەن ئىتىتپاققا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ماقۇلىغان مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى. 1790-يىلى ماسون - دىكسون سىزىقى قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلاr بىلە ئەركىن شتاتلارنىڭ چېگرا سىزىقى قىلىنغان. مىسسۇرى شتاتى بۇ سىزىقنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، قۇللۇق شتات قاتارىغا كىرىشكە تېگىشلىك بولغان. 1818-يىلى بۇ شتات ئەركىن شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرىشنى تەلەپ قىلىپ، جەنۇبنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ۋە زئۇراق مۇددەتلىك تالاش -تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەڭ ئاخىرىدا، 1820-يىلى <مىسسۇرى مۇرەسسە قانۇن لايىھىسى> ئىمزالىنىپ، مىسسۇئۇرى شتاتىنىڭ قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتات سالاھىيىتى بىلەن ئىتتىپاققا كىرگۈزۈش ئارقىلىق، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى شتاتلار بىلەن ئەركىن شتاتلار سانىنىڭ تەڭ بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن. شىمالىي پاراللېل 30.36′ نىڭ جەنۇبىي قۇللۇق تۈزۈمدىكى شتاتلار رايونى، ئۇنىڭ شىمالىي ئەركىن شتاتلار رايونى قىلىپ باشقىدىن بېكىتىلگەن. بۇ خىل مۇرەسسە 1854-يىلقى <كانزاس - نېبراسكا قانۇن لايىھىسى> ۋە 1857-يىلقى <سىگېت قانۇن لايىھىسى> تەرىپىدىن بۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشىغا ئېلىپ بارغان.