Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسرا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شېئىرنىڭ ھەربىر سەترى، قۇرى،شېئىردا مەلۇم مەنىنى ئىپادىلىگەن بىر قۇر. مەسىلەن:
ئەلنى ئويغاتماق تىلەك تاڭدا بىر چۇقان بىلەن.
(ئابدۇخالىق ئۇيغۇچى)
ئەدەبىيات تارىخىمىزدا «قۇيما مىسرا»، «شاھ سەترا» دېگەن تەرىپلەر ئۇچرايدۇ. «ئېمەس ئاسان بۇ مەيدان ئىچرە تۇرماق، نىزامى پەنجىسىگە پەنجە ئۇرماق» دېگەن مىسرالار ئەينى زاماندا ناۋايىنىڭ «پەرھاد - شېرىن» داستانىنى قانداق يازغانلىقىدىكى ئالاھىدە ماھارىتىنى چۈشەندۈرىدىغان شاھ مىسرالىرىدۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېئىر - قوشاقلار ۋە ئومۇمەن كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، خەت - چەكلەرنىڭ خېتىنىڭ قەغەز ئۈستىدىكى بىر قاتارى.
<مىسرا> كۆپرەك شېئىرلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئارزۇ ۋەزنىدە ئىككى مىسرالىق شېئىر <مەسنەۋى>، ئۈچ مىسرالىقى <مۇسەللەس>، تۆت مىسرالىقى <مۇرەببە>، بەش مىسرالىقى <مۇخەممەس>، ئالتە مىسرالىقى <مۇسەددەس>، يەتتە مىسرالىقى <مۇسەببە>، سەككىز مىسرالىقى <مۇسەممەن>، توققۇز مىسرالىقى <مۇتەسسە> دېيىلىدۇ. كىتابنىڭ يۇقىرىدىن سانىغاندا ئالتىنچى قۇرىدا بىر ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەدەبىيات
شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ھەر بىر قۇرى.
شائىر ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق ئىككى مىسرا شېئىر ئوقۇپتۇ.