Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىس قورال دەۋرى
دۇنيا تارىخى
ئارخېئولوگىيىدە تاش قورال دەۋرىدىن كېيىن كېلىدىغان بىر دەۋر.بۇ دەۋردە مىس تاۋلاش تېخنىكىسى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، مىس قوراللار ئىشلىتىلگەن، مىستىن ئۆتكۈر قوراللار ياسالغان. ئادەتتە ئۇ <برونزا دەۋرى> ياكى <برونزا قورال دەۋرى> نى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تارىخ
تاش قورال دەۋرىدىن كېيىنكى، تۆمۈر قورال دەۋرىدىن ئىلگىرىكى دەۋر. بۇ دەۋردە، ئىنسانىيەت مىستىن ياسالغان قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلگەن، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق غايەت زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن. مەملىكىتىمىزدە مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2000 - يىللار ئۆپچۆرىسىدىلا مىس قۇيما جابدۇقلارنى ئىشلىيەلىگەن.