Uyghurئاساسىي لۇغەت
مىسكىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىچارە؛ پېقىر:
قاچىپ ئول دىلبەر جەفاسىندىن خەيالى ئېتەردۇر،
ھافىزى مىسكىن بىلەن ھەمخانە بولدۇم ئاقىبەت.
ھاپىز خازەزمى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بەختسىز، دەرمانسىز، بىچارە، كەمبەغەل، ياردەم قىغلۇچى كىشىسى بولمىغان، پېقىر، ئاجىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
غەم - ئەندىشىگە پاتقان، مەيۈسلەنگەن.
ئادەم بەك غەمكىن بولۇپ كەتسە، ھايات لەززىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ. مىسكىن - بىچارە، يوق ئامال - چارە. غەمناك ياشاشتىن بىزار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. يوقسۇزلۇق، غەم - ئەندىشە تۈپەيلىدىن روھىي ھالىتى چۈشكۈنلەشكەن، غەمكىن، سولغۇن.
ئۇ ناھايىتى خىيالچان ۋە مىسكىن ئىدى.
ئى. كەمبەغەللىك، يوقسۇزلۇقتىن ئېغىر ئەھۋالدا قالغان، بىچارە ئادەم.
مىسكىن ۋە يېتىم - يېسىرلارنى يۆلەش ئىنساندىكى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر