Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
موسكۋا ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
莫斯科会战
mò sī kē huì zhàn
سوېت ئىتتىپاقى ۋەتەن ئۇرۇشىدا موسكۋا شەھەر ئەتراپى رايونىدا گېرمانيىە ئارمىيىسىنى تۇنجى قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلغان ئۇرۇش. 1941-يىل 9-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، گېرمانىيە ئارمىيىسى 80 دىۋىزىيە ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ موسكۋاغا كەڭ تۈردە ھۇجۇم قىلغان. شىمالدا ئىژۋتىن ئۆتۈپ، لاكىنىنگراتنى بېسىۋالغان؛ جەنۇبتا ئوريولدىن ئۆتۈپ، تۇلاغا يېتىپ بارغان؛ ئوتتۇرا قىسىمدا پورودىنونى ئىشغلا قىلغان، شۇنداق قىلىپ بىرلا ھۇجۇم بىلەن موسكۋانى ئىشغال قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلماقچى بولغان. لېكىن گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. 11-ئاينىڭ 15-كۈنى گېرمانىيە ئارمىيىسى 51 دىۋىزىيىنى توپلاپ، يېڭى ھۇجۇم باشلاپ، موسكۋاغا جەنۇب ۋە شىمال تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، شۇينىڭ بىلەن بىللە ئوتتۇرا قىسىمدىن بۆسۈپ كىرمەكچى بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ يۆنىلىش ئارمىيىسى قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈپ 1941-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ياندۇرقى يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى قايتۇرما ھۇجۇمنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇرغان، گېرمانيە ئارمىيىسىنى غەربكە 100 - 250 كىلومېتىر چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇ جەڭنىڭ غەلىبىسى گىتلېرنىڭ <چاقماق تېزلىكىدىكى ھۇجۇم> پىلانىنى تارمار قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا ئەللىرى خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنى ئىلھاملاندۇرغان.