Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
موسكۋا باياناتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى莫斯科声明
mò sī kē shēng míng
تولۇق ئاتىلىشى <ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە شئىچلار پارتىيىلىرى ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ باياناتى>. 1960-يىلى 11-ئايدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن 81 كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ۋەكىللىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان. <بايانات> ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن. ئۇنىڭدا جاھانگىرلىكنىڭ تەبىئىتى ئۆزگەرمىگەنلىكى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكى دۇنيا خەلقىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكى، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكى، رېۋىزىئونىزمنىڭ ماركسىزم - لېنىنىزمنىڭ جېنىنى پۈچەكلەشتۈرۈشىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق نۇقتىئىنەزەرلەر مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ئەللەر كوممۇنىستىك پاتىيىلىرى ۋە ئىشچىلار پارتىيىلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنىڭ مىزانى بەلگىلەنگەن. شۇنداقلا كاپىتالىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنىڭ شەكلى قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.