Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
مونرو
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى门罗
mén luó
دائىرە: دۇنيا تارىخى门罗
mén luó
(1758 - 1831) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى (1817 - 1825) ۋىرگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان جۇمھۇرىيەتچى، مۇستەقىللىك ئۇرۇشىغا قاتناشقان. كېيىن قانۇنچىلىقنى ئۆگەنگەن. قوشما شتاتلاr نىزامىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى. 1790 - 1794-يىللاردا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1794 - 1796-يىللاردا فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق كونسۇل بولغان. 1799 - 8021-يىللاردا ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1803 - 1807-يىللاردا ئەنەلىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. شۇنداقلا زۇڭتۇڭنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى سۈپىتىدە، ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئىسپانىيە، فرانسىيە، ئەنگىيىلىكلەر بىلەن زېمىن ۋە سودا مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. 1811 - 1817-يىللاردا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى بولغان. بۇ ئارىلىقتا بىر مەھەل قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1816-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 1821-يىلى يەنە زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە پارتىيە ئىچىدىكى تالاش - تارتىش ئازايغانلىقى ئۈچۈن <ئىناق دەۋر> دەپ تەرىپلەنگەن. ئىچكى ئىقتىساد كاساتلىشىپ كەتكەن. قۇللۇق تۈزۈمنى ساقلاش - ساقلىماسلىق مەسىلىسى توغرىسىدا كۈرەش كەسكىنلىشىپ كەتكەن. ئىگىلىكنى قۇتقۇزۇش يزىسىدىن سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكنى گۈللەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى قوللانغان؛ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنى كەينى - كەينىدىن ئېلىپ بارغان. 1817-يىلى ئەنگلىيە بىلەن <روشى باگوت كېلىشىمى> نى ئىمزالىغان. 1819-يىلى ئىسپانىيە بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، فلورىدا شىتاتىغا ئىگە بولغان. 1823-يىلى ئۇنىڭ <مونرونىزم> سىياسىتىنى ئېلان قىلغانلىقى ئامېرىكىنىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسىدۇر. ۋەزىپىدىن قالغاندىن كېيىن قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇپ قالغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.