Uyghurئاساسىي لۇغەت
مونچاق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەينەك، پارقىراق تاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن زىننەت بۇيۇمى ئۈچۈن ياسالغان، يىپقا ئۆتكۈزۈپ بويۇنغا ئاسىدىغان دانە - دانە يۇمىلاق بۇيۇم.
قىز قولىدىكى قىممەت باھالىق گۆھەر مونچىقىنى كەمبەغەل يىگىتكە بېرىپتۇ.
كۆچمە. سۇ، سىماب قاتارلىق نەرسىلەردىن ھاسىل بولغان يۇمىلاق بۆلەك؛ تامچە.
ئۇنىڭ كەڭ پېشانىسىدە تەر مۇنچاقلىرى پارقىرايتتى.