Uyghurئاساسىي لۇغەت
مولتكې
دۇنيا تارىخى
(1) ھېلمۇت كارل مولتكې (1800 - 1891). چوڭ مولتكېمۇ دېيىلىدۇ. گېرمانىيىلىك ھەربىي ئالىم، مارشال. دانىيىدە ئوفىتسېر بولغان. 1822-يىلى پرۇسىيە ئارمىيىسىگە ئالماشقان. 1836 - 1839 يىللىرى تۈركىيە ئارمىيىسىدە ھەربىي مەسلىھەتچى بولغان. كېيىن پروسىيە ئارمىيىسى شتابىدا خىزمەت قىلغان. 1858 - 1888-يىللىرى پروسىيىنىڭ (1871-يىلىدىن باشلاپ گېرمانىيىنىڭ) باش شتاب باشلىقى بولغان، بىسماركنىڭ <قاتتىق قوللۇق سىياسىتى> نىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولغان. دانىيە ئۇرۇشى (1864-يىلى)، پروسىيە - ئاۋسترىيە ئۇرۇشى (1866-يىلى) ۋە پروسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى (1870 - 1871-يىلى) مەزگىللىرىدە جەڭ مەيدانى شتاب باشلىقى بولۇپ، ھەر قېتىملىق ئۇرۇشتا ئەمەلىي قوماندانلىق قىلغان. 1871-يىلى مارشاللىقا ئۆستۈرۈلگەن. 1867 - 1891-يىللىرى، كۆپ قېتىم كونسېرۋاتىيلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1872-يىلىدىن باشلاپ پروسىيە ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ <1870 - 1871-يىللاردىكى پروسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى تارىخى> قاتارلى قھەربىي ئىشلار توغرىسىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرى بار. (2) ھېلمۇت يوھاننېس مولتكې (1848 - 1916). كىچىك مولتكېمۇ دېيىلىدۇ. گېرمانىيە گېنېرالى. چوڭ مولتكېنىڭ جىيەنى. 1903-يىلى، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي لازىمەتلىكلەر باش شتاب باشلىقى بولغان. 1906 - 1914-يىللىرى ەېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە، جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ئۈچۈن پائال تەييارلىق قىلغان. سىللېففېن پىلانىنى ئاساس قىلغان ھالدا، گېرمانىيىنىڭ يېڭى ئۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. بۇ ئەينى چاغدا <مولتكې - سېلېففېن پىلانى> دەپ ئاتالغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مارنا دەرياسى جېڭىگە قوماندانلىق قىلىپ مەغلۇپ بولغانلىقتىن، 1914-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلانغان.