Uyghurئاساسىي لۇغەت
موللا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام دىنى بويىچە ئىلىم ئەھلى، دىنىي زىيالىيلار.
موللام دۇئاغا زورلار. بوپتۇ، ئادەم بولغۇڭ كەلمىسە، موللا بول. داموللام ئېلىشنى بىلەن، بېرىشنى بىلمەس. ئېيىبىنى ئۆگەتسەڭ، داموللا بولار. ياندىكى موللام بار موللام، يىراقتىن كەلگىنى داموللام. ئۆلىمالىقمۇ بىر ھۈنەر، جاپا چەكمەي پۇل ئۈنەر. مامۇت مەۋلىۋى كىتابخانلىق قىلدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ ئىسلام دىنى بىلىملىرى ھەققىدە بەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەن كىشى، ئىسلام دىنى ئەربابى.
ئاللا بەرمىگەننى موللا بەرمەس (ماقال).
ئۇستا باردا قولۇڭنى تارت، موللا باردا تىلىڭنى تارت (ماقال).
كىشىلەرگە دىنىي تەلىم بەرگۈچى، ئىسلام دىنىي بىلىملىرىنى ئۆگەتكۈچى كىشى؛ ئۇستاز؛ ئوقۇتقۇچى.
خوجا سەئىد قىزىنى موللىغا ئوقۇغىلى بەرگەنىكەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<مەۋلا>