Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۆرىمەس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
گەپ - سۆز قىلماي، جىم يۈرىدىغان.
ئاۋۇ مۆڭ، ماۋۇ ئۈنچىقماس، ئەمدى گەپ قايسىغا تېگەي. جىمھۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. ئۈنچىقماسنىڭ كارامىتى ئىچىدە. گەپ قىلساڭ ۋالاقتەككۇر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس دەيدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۆپ گەپ قىلمايدىغان، سۆزلىمەيدىغان، جىم تۇرىدىغان.
ۋالاقتەككۈر، كاسكى، ۋات - ۋات، ۋىت - ۋىت، كاسكاس، گەپ ئانىسى، گەپ خالتىسى، ئۇششاق سۆز
ئورۇنسىز، قۇرۇق گەپنى دائىم ۋە تولا سۆزلەيدىغان.
ۋالاقتەككۈر گەپ بەرمەس، سۇنۇق كەپكۈر نەپ. جىمىغۇرنىڭ ھۈنىرى ئىچىدە. كاس - كاسقا قۇلىقىڭنى خار قىلما. كاسكىدىن دۆت ئارتۇق. بىر مەستتىن قورق، بىر مۆرىمەستىن. گەپ قىلساڭ، ۋالاقتەككۈر دەيدۇ، گەپ قىلمىساڭ مۆرىمەس. جىمجىت سۇ چوڭقۇر بولار، ئۈنچىقماس ئەر تەدبىرلىك. ۋىت - ۋىت خوتۇن ئۆي بۇزار. كاسكىنىڭ چىشى تېز ئۇپرار. ئۇششاق سۆز ئەل بۇزار. گەپ ئانىسى گەپتىن قالسا، كۈنى تەس. گەپ خالتىسىنىڭ خالتىسى تۆشۈك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئادەتتە كۆپ گەپ قىلمايدىغان، جىمغور.
- تازا بىر ئاداش ئىكەنسەن، - شوپۇر شۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى، - نېمە تۈگىمەيدىغان خىيال بۇ؟ سىلىمۇ ماڭا ئوخشاش مۆرىمەسمۇ يا؟