Uyghurئاساسىي لۇغەت
مۆرىمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<مۆ> قىلغان ئاۋاز چىقارماق، <مۆ> قىلماق.
يېزا دېگەندە نەگىلا بارما، توسمىنىڭ شارقىرىشىدىن، موزايلارنىڭ مۆرىشىدىن بۆلەك ئاۋاز ئاڭلىمايسەن.
كۆچمە. گەپ قىلماق، سۆزلىمەك، ئېيتماق.
- ۋۇي ھۈسىيىن،- دېدى ئۇ يېنىمدا توختاپ،- بۇ نېمە قىلغىنىڭىز، ئۆيۈمنى ئىجارىگە بېرىمەن ئاكا دەپ بالدۇرراق مۆرەپ قويسىڭىز بولماسمىدى.