Uyghurئاساسىي لۇغەت
مېنۇن
دۇنيا تارىخى
(1897 - 1974) ھىندىستاننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى. ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ ھىندىستاندىكى مادراس داشۆسىدە، ئەنگلىيىدىكى لوندون ئىقتىسادىي شۆيۈەنى ۋە لوندون داشۆسىدە ئوقۇغان. 1934-يىلى ئادۋوكات سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان. 1929 - 1947-يىللىرى لوندوندا ھىندىستان ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى بولۇپ، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرۈشىگە قاتناشقان. 30-يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل تۈرە ج.نېھرۇغا ئەگەشكەن. 1946-يىلى نېھرو ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغاندا، ئۇنى <خۇسۇسىي ۋەكىل> قىلىۋالغان 1947 - 1952-يىللىرى ھىندىستاننىڭ ئەنگلاىيىدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى بولغان. 1953-يىلى ھىندىستان قوشما شتاتلار پارلاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1953-يىلى ھىندىستان قوشما شتاتلار پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1953 - 1962-يىللىرى ب د ت دىكى ھىندىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولغان، خەلقئارا يىغىندا، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىتەرەپلىكنى تەشەببۇس قىلغان. 1957-يىلى ئىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1962-يىلى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.